يەشايا 49:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 قۇلاڭ سېلىڭلار، ئەي دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر! دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، ئەي يىراقتىكى خەلقلەر! مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى، مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى. Gade chapit la |
ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش، ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا توپلاش ئۈچۈن، ئۇ مېنى قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ ياراتتى. مەن قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلدى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىزدۇرمەن، خۇدايىم مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار،
ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا، ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ، پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە، ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.