9 مەن ئۆزۈمنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈنلا غەزىپىمنى بېسىپ كەلدىم، ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈنلا قىلمىشلىرىڭلارغا چىداپ كېلىپ، سىلەرنى يوقاتمىدىم.
مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدەم ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قۇتقۇزۇپ، قوغداپ قالىمەن».
پەرۋەردىگار شۆھرىتىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن ئى ئىگەم، پالاكەتتىن ئازاد قىلغىن جېنىمنى.
ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.
ئى نىجاتكارىمىز پەرۋەردىگار، شۆھرىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ، بولغىن بىزگە مەدەتكار. كەچۈرگەيسەن گۇناھىمىزنى، نامىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىن بىزنى.
بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى، قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى، ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى.
ئەي ئىسرائىل خەلقى، نام-شەرىپىم ئۈچۈن سىلەرنى رەزىل ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارغا لايىق جازالىمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»
لېكىن مەن بۇنداق قىلىشتىن قولۇمنى تارتتىم ۋە نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.
لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.
مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، گەرچە گۇناھلىرىمىز بىزگە قارشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، نام-شەرىپىڭ ئۈچۈن بىزگە ياردەم بەرگىن. بىز ھەقىقەتەن سەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈدۇق، ساڭا قارشى گۇناھ قىلدۇق.
مېنىڭ سىلەرنى يوقاتماسلىقىم پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، چۈنكى مەن قانداقمۇ ئۆزۈمنىڭ نامىنىڭ ھۈرمەتسىزلىنىشىگە يول قويىمەن. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن.»
مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىمەن، گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن.
پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ئۆز نامىڭنىڭ ھۆرمىتىنى، گۇناھلىرىم كۆپ بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلغىن مېنى.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر.
لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇ خەلقلەر مېنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا ئايان بولغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلەتتى.
ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە، باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە.
بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۈزۈم بارىڭىدىكى ناچار ئۈزۈملەرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئۈزۈملەرنى تاپقاندا، ئۇلار: ‹بۇ ئۈزۈم تېلىنى يۇلۇۋەتمە، چۈنكى ئۇنىڭدا سۇلۇق، ياخشى ئۈزۈملەر بار› دىيىشىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ماڭا سادىق بولغان خىزمەتكارلىرىمنىڭ ۋەجىدىن خەلقىمنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.
ئىسرائىل خەلقى نەگىلا بارمىسۇن ئەللەر ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى، مەن مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قايغۇردۇم.