Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 48:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇڭا، سىلەرنىڭ: ‹بۇ ئىشلارنى مېنىڭ بۇتۇم قىلدى، مېنىڭ ياسىغان بۇتۇم، مەن قۇيۇپ ياسىغان ئىلاھىم شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى› دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە بۇرۇنلا بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئېيتقانىدىم، بۇ ئىشلارنى يۈز بەرمەستىن ئىلگىرىلا سىلەرگە بىلدۈرگەنىدىم.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 48:5
10 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆتمۈشتە سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. مەن ئۇلارنى ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتقان، مەن ئۇلارنى ئالدىن سىلەرگە بىلدۈردىم. كېيىن مەن قوزغىلىپ، بارلىق بېشارەتلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.


خۇددى بۇرۇنلا ۋەدە قىلغىنىمدەك، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!»


مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن. مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


كىم مەن بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۆزىنى ماڭا ئاشكارىلىسۇن. ئۇ ماڭا، خەلقىمنى قەدىمدە تىكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى دەپ بەرسۇن. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرسۇن.


قورقماڭلار! تىترەپ كەتمەڭلار! بۇرۇن مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم! مەندىن باشقا يەنە خۇدا بارمۇ؟ يوق! مەندىن باشقا سىلەرنى قوغدىيالايدىغان ھېچقانداق قورام تاش يوقتۇر.»


ئەي ئەللەردىكى ئامان قالغانلار، يىغىلىپ كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار! ياغاچتىن ياسالغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلىپ، ئۇلارنى يۈدۈپ يۈرگەن ئادەملەر نېمىدېگەن ئەخمەق-ھە!


قاراڭلار، مەن يېڭى بىر ئىش قىلماقچى. بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلاندى، ئەجەبا سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite