شۇنىڭ بىلەن بىر ئاتلىق لەشكەر يېھۇ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ: _ پادىشاھىمىز: «تىنچ-ئامانمۇسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېدى. يېھۇ ئۇنىڭغا: _ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى. كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ: _ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى، _ دەپ خەۋەر قىلدى.