Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 48:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولاتتى، ئەۋلادلىرىڭلار خۇددى قۇم زەررىچىلىرىدەك كۆپ بولاتتى. ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيتتى، ھەرگىز مېنىڭ ئالدىمدىن يوقىتىلمايتتى.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 48:19
22 Referans Kwoze  

ئەي ئىسرائىللار! سىلەرنىڭ خەلقىڭلار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاز بىر قىسمىڭلارلا يۇرتىڭلارغا قايتالايسىلەر. سىلەرنىڭ گۇمران بولۇشۇڭلارنى خۇدا ئاللىقاچان قارار قىلغان، مانا بۇ ئادىللىقتۇر.


ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.


يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىللار توغرىسىدا مۇنداق جاكارلىغانىدى: «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قۇتقۇزۇلىدۇ.


لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن.


خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.»


مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن. ئىلاھ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىمەن، بۇتپەرەس روھانىيلار ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.


مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.


مەن ئۆزۈمنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈنلا غەزىپىمنى بېسىپ كەلدىم، ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈنلا قىلمىشلىرىڭلارغا چىداپ كېلىپ، سىلەرنى يوقاتمىدىم.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامىنى، قېپقالغان خەلقىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.» بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بىر كۈندىلا باش ۋە قۇيرۇقنى، يەنى خورما دەرىخى ۋە قومۇشلارنى كېسىپ تاشلايدۇ.


قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى.


سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى، ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى، ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى.


مەن ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ۋارىس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ نامىنىڭ بۇرادەرلىرى ئارىسىدا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىدا ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇم ماخلوننىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنىمۇ ئەمرىمگە ئالىمەن. بۈگۈن سىلەر بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولغايسىلەر، _ دېدى.


بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ.


ئەۋلادلىرىڭنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، خۇددى ئوت-چۆپتەك مول بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن.


مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن، قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن. مەن ئۆز روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.


ئۇلار سۇغا قېنىپ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەردەك، دەريا بويىدىكى تېرەكلەردەك ياشىرىپ تۇرىدۇ.


چۈنكى سەن ھەر تەرەپكە كېڭىيىسەن، ئەۋلادلىرىڭ ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەرنى ئۇلار ئاۋات قىلىدۇ.


مېنى توسما، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن نامىنى يوقىتاي. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite