يەشايا 48:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 قوغدىغۇچىمىز _ ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، مەن سىلەرگە پايدىلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىمەن، سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.
ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»
مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»