15 بۇ ئىشلارنى پەقەت مەن دېدىم، ئۇنى مەن چاقىرىمەن، ئۇنى مەن باشلاپ كېلىمەن. ئۇ قىلغان ئىشلار چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
قانۇنلىرىم ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز قانۇنلىرىم ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
زەپەر قۇچقىن ھەيۋەت بىلەن ئات ئۈستىدە، قوغدىغىن كەمتەرلىك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى، غايەت زور ئىشلارنى قىل قۇدرىتىڭدە.
پادىشاھ يوياكىننىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 5-يىلى، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
كىم كۈنچىقىشتىن بىر ھۆكۈمراننى قوزغىتىدۇ؟ كىم ئۇنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە چاقىرىدۇ؟ كىم ئەللەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ؟ كىم پادىشاھلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ قىلىچى ئۇلارنى توپىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوقياسى ئۇلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن ساماندەك تارقىتىۋېتىدۇ.
مەن: ‹كورەش پادىشاھ پادىچىغا ئوخشاش خەلقىمنى باقىدۇ› دېسەم، ئۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن، ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇللىرى قايتا سېلىنسۇن› دەيدۇ.»
ئادالەت ئۈچۈن كورەش پادىشاھنى قوزغىتىدىغان، ئۇنىڭ يولىنى راۋان قىلىدىغان مەن بولىمەن. ئۇ مېنىڭ شەھىرىمنى قايتا قۇرىدۇ. ئۇ ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلماستىن ۋە پارا ئالماستىن، مېنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىمنى ئازاد قىلىدۇ.» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى بابىلنىڭ دۈشمەنلىرى، مىراتايىم زېمىنىغا ۋە پىقودتا ياشاۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈڭلار ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ، مېنىڭ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرۈڭلار!