Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 47:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ساڭا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر سېنى ھالىڭدىن كەتكۈزدى. قېنى ئەمدى ئاشۇ مۇنەججىملىرىڭ؟ قېنى ئەمدى يۇلتۇزلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلىرىڭ؟ قېنى، ھەر يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تەقدىرىڭنى ئالدىن ئيتىپ بېرىدىغان پالچىلىرىڭ؟ ئەمدى شۇلار كېلىپ سېنى بۇ بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ باقسۇنچۇ!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 47:13
13 Referans Kwoze  

مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن. بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.


مەن بىھۇدە ئىش قىلىپتىمەن. داتلار قېلىن بولغاچقا ئوتتا ئېرىمەپتۇ. ئوتمۇ ئۇنى تازىلىيالماپتۇ.


بابىلنىڭ قېلىن تاملىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىھۇدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جاپا بىلەن ئېرىشكەنلىرى ئوتقا يەم بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


كۆپلىگەن ئىزدىنىشىڭلاردىن ھېرىپ-چارچىدىڭلار، ئەمما سىلەر بۇنى بىھۇدە ھېس قىلمىدىڭلار، ‹يېڭى كۈچنى تاپقىلى بولىدۇ› دەپ، ھېچ چارچاش ھېس قىلمىدىڭلار.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلار توپلىغان بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ، ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟


دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى.


سەن ياشلىقىڭدىن تارتىپ باردى-كەلدى قىلىپ كەلگەن بۇ مۇنەججىملىرىڭ ئەمدى ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئۆز يوللىرىغا كېتىدۇ، سېنى قۇتقۇزىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.»


ئادەملەر سىلەرگە: «ئۆلگەنلەرنىڭ روھىدىن ياردەم تىلەپ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى بىلىش ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكمۇ؟


شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ. سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ، بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن.


شۇندىن كېيىن: «بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئورام يازمىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىدۇ، قايتا كۆتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگىن. يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite