يەشايا 46:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار، مەن ھەقىقەتەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەن خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»
ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟
ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، بابىل خەلقىنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.