Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 46:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەي، مەندىن يۈز ئۆرۈگەن خەلقىم، بۇ ئىشلارنى ئويلاڭلار، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 46:8
14 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.


كېيىن، ئۇ ئەقلىگە كېلىپ: «ئاتامنىڭ مەدىكارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەمدىمەن؟


سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭلار! ئەمدى سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ، ئىبادەتخانامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىڭلار. شۇندىلا مەن خۇرسەن بولىمەن ھەم ئۇ يەردە ئۇلۇغلىنىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار.


چۈنكى ئۇ ھوشىنى تېپىپ، گۇناھىدىن قول ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ.


بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟


سەن: ‹مەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈك خانىشىمەن› دەپ جار سالدىڭ. سەن بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىدىڭ، ھەتتاكى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىدىڭ.


بۇتلارنى ياسىغانلار، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.


بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئۆزلىرى ئاخىرى بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.


ئەگەر ئۇلاردا ئەقىل بولسا ئىدى، ھەممىنى چۈشەنگەن، ئاقىۋىتىنى بىلگەن بولار ئىدى.


چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»


سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان. مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقتىڭلار.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite