Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 45:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى، مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى ئېچىپ بېرىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم: ئىسمىڭنى چاقىرغان، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 45:3
15 Referans Kwoze  

بۇ ئىشلارنى پەقەت مەن دېدىم، ئۇنى مەن چاقىرىمەن، ئۇنى مەن باشلاپ كېلىمەن. ئۇ قىلغان ئىشلار چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.


«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانىدۇر. پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا تەيىنلىدى.


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ مېڭىشقا ئەمر قىلدىڭ. لېكىن كىمنىڭ مەن بىلەن بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى.


بابىلنىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق ياللانما جەڭچىلىرىگە ھالاكەت قىلىچى ئۇرۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرى قىلىچ بىلەن تالان-تاراج قىلىنىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»


قۇلاڭ سېلىڭلار، ئەي دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر! دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، ئەي يىراقتىكى خەلقلەر! مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى، مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى.


لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىسمائىلغا: _ بىزنى ئۆلتۈرمە! بىز ساڭا ئېتىزلىقلارغا يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسىلىمىزنى بېرەيلى، _ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەي ھايات قالدۇردى.


ئەي بۇتلار، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، شۇندىلا بىز سىلەرنى ھەقىقىي ئىلاھ دەپ بىلىمىز. سىلەر، مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ياكى قورقىتىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىڭلار.


يىراق ئەللەردىن كېلىپ، بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار! بابىلنى خارابە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىڭلار! ھېچكىمنى ھايات قالدۇرماڭلار!


ئەي بابىل، سەن نۇرغۇن دەريالارنىڭ بويىدا مول بايلىقلار ئىچىدە ياشىغانىدىڭ. ئەمدى سەن تۈگەشتىڭ، ھاياتىڭنىڭ يىپى ئۈزۈلدى!


ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite