Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 45:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار! سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار. كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟ بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟! مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 45:21
33 Referans Kwoze  

مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر! سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ مەن ساڭا كۈچ-قۇدرەت بېرىمەن.


مەن يېگانە بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن، سىلەرنى مەندىن باشقا ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ.


ھەرقايسى ئەللەردىكىلەرنى يىغىڭلار، بارلىق خەلق يىغىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قايسىسى مۇشۇ ئىشلاردىن بېشارەت بېرەلىگەن؟ كىم ئۆتمۈشتە بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بېرەلىگەن؟ ئۇلار گۇۋاھچى ئەكېلىپ ئىسپاتلىسۇن، گۇۋاھچىلار بۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن.


پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ياردۇر، ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.»


يىغىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار، قايسى بىر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلىگەن؟ مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بابىلغا قارشى ئىش قىلغۇچىنى، مەنكى پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىمەن. ئۇ قولىنى بابىللىقلارغا قارشى كۆتۈرىدۇ.


پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ.


ئاسماننى ياراتقان پەرۋەردىگار ئۇ ھەقىقىي خۇدادۇر! ئۇ زېمىننى ياساپ، ئۇنى ياراتتى، ئۇنى مۇستەھكەم قىلدى. ئۇ زېمىننى قۇرۇق قويمىدى، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زېمىننى ياراتتى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر.


پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سىلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا مىسىرنى تۇتۇپ بېرىمەن. مەن يەنە سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئېفىيوپىيە بىلەن سىبانى تۇتۇپ بېرىمەن.


ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان، قىزىل بويالغان تون كىيگەن، گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن غەلىبەمنى جاكارلايمەن، مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆتمۈشتە سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. مەن ئۇلارنى ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتقان، مەن ئۇلارنى ئالدىن سىلەرگە بىلدۈردىم. كېيىن مەن قوزغىلىپ، بارلىق بېشارەتلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.


بۇرۇن بۇتلىرىڭلار بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرگەنمۇ؟ بىرەر بۇت بىزگە: ‹ئۇنىڭ بېشارىتى توغرا ئىكەن› دېگۈدەك بىرەر بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! ھېچبىر بۇت بۇنداق بېشارەت بېرىپ باقمىغان، بۇتلار بۇنداق قىلالمىغان، ھېچكىم بۇتلاردىن بۇنداق بېشارەتنى ئاڭلاپ باقمىغان!


ئېيتىڭلار ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر، ئۇ سورار خەلقلەرنى ئادالەتتە. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.»


شۈكۈر ئېيتاي كۆتۈرۈپ ئاۋازىمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ بارلىق كارامەتلىرىڭنى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.


«بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار، تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار. ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: ‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالدۇرۇلىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. بابىلنىڭ بۇتلىرى نومۇستا قېلىپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.›


پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، ئۇ يېرۇسالېمدىدۇر. ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ، لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ.


خۇددى بۇرۇنلا ۋەدە قىلغىنىمدەك، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!»


ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.


بۇلار مىسىرلىقلارنىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ياسالغان بىر خاتىرە بەلگىسى بولىدۇ. خەلق ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەر ئۈستىدىن پەرۋەردىگارغا يىغلاپ نالە-پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.


پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ، پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ. شۇندىلا سەن مېنى _ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن، سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مىسىردىن چىققاندىن بېرى، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن. مەندىن باشقا خۇداغا ئېتىقاد قىلماڭلار، مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچىڭلار يوقتۇر.


ئۇ كۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، ئۇ كۈننى پەقەت پەرۋەردىگارلا بىلىدۇ. ئۇ كۈندە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى بولمايدۇ. كەچ ۋاقتى بولغاندىمۇ يورۇق بولىدۇ.


پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite