يەشايا 45:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 مەن يوشۇرۇن گەپ قىلمىدىم، ياكى قاراڭغۇ جايدا گەپ قىلمىدىم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا: ‹مېنى ئىزدەپ تاپالمايسىلەر› دېمىدىم. مەن پەرۋەردىگار دائىم ھەقىقەتنى ۋە ئادىللىقنى سۆزلەيمەن. Gade chapit la |
خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا سىلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئىگە بولغان بۇ گۈزەل زېمىندا داۋاملىق ياشىيالايسىلەر ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.
ئۇ چاغدا، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، دەپ قارايسىلەر، شۇنداقمۇ؟ بىراق، مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن ۋەكىللىك قىلغۇچىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن كەلدىم. ئۇ ھەقتۇر، بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر.
ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.