Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 45:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 45:14
41 Referans Kwoze  

شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.


ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدىيەلىكلەرگە سېتىپ بېرىمەن. يەھۇدىيەلىكلەر ئۇلارنى يىراقتىكى سىبائى خەلقىگە ساتىدۇ. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇلارنىڭ ھۇجرىسىدىن كىشىلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسىز كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چۆلدىن كەلگەن شارابخور، يارىماسلار بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىللارغا بىلەزۈكلەر سېلىپ قويدى، باشلىرىغا گۈزەل تاجلارنى تاقىدى.


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سىلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا مىسىرنى تۇتۇپ بېرىمەن. مەن يەنە سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئېفىيوپىيە بىلەن سىبانى تۇتۇپ بېرىمەن.


لېكىن ئۇنىڭ تاپقان كىرىمىدىن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇ تاپقان بايلىقىنى دۆۋىلەپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كىرىمى پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايرىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى مول بولىدۇ، ياخشى كىيىنىدۇ.


شۇ چاغدا، بويلىرى ئېگىز ۋە تېرىلىرى سىلىق بولغان قوۋملاردىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا تارتۇقلار قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يىراق-يېقىندىكىلەرنى قورقۇتقان قوۋملاردۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى قوۋملاردۇر. ئۇلارنىڭ زېمىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا تاللىغان جايغا، يەنى سىئون تېغىغا تارتۇقلارنى ئەكېلىدۇ.


قارا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن شاخلارنى قىرقىپ تاشلايدۇ! ئېگىز دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلايدۇ، ھاكاۋۇر ئاسسۇرلار يەرگە يىقىتىلىدۇ.


زەنجىر بىلەن باغلاپ ئۇلارنىڭ شاھلىرىنى، تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەر ئېسىلزادىلىرىنى.


ئاخىردا ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئېگىلىدۇ ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن. مۇسا سۆزىنى تۈگىتىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى.


بىز بارغان جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى ئىللىق قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغانىدى. ئۇلار سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھايات بولغان ھەقىقىي خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىڭلارنى بىزگە ئېيتتى.


ئاسسۇرىيەگە قارا، ئاسسۇرلارمۇ لىۋاندىكى بىر تۈپ كېدىر دەرىخىدەك ئىدى، ئۇنىڭ بۈك-باراقسان ئۆسكەن شاخلىرى ئەتراپىغا سايە تاشلايتتى، ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ، ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشقانىدى.


ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەممە ئەللەر بىلىدىغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تونۇلىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»


ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›» ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ.


قورقماڭلار! تىترەپ كەتمەڭلار! بۇرۇن مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم! مەندىن باشقا يەنە خۇدا بارمۇ؟ يوق! مەندىن باشقا سىلەرنى قوغدىيالايدىغان ھېچقانداق قورام تاش يوقتۇر.»


چۈشۈرمەس ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئۇلۇغلاشنى خۇدانى، چۈشۈرمەس ئۇلار قوللىرىدىن قوش بىسلىق قىلىچلىرىنى.


شىبالىقلار تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ، مال چارۋىلارنى بۇلاپ، ھەممە خىزمەتكارلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ قۇتۇلدۇم، شۇڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.


پادىشاھنىڭ پەرمانى ھەممە ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار شادلىققا تولۇپ، خۇشاللىق زىياپىتى بېرىشتى ھەم بايرام قىلىشتى. نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر يەھۇدىيلاردىن قورقۇشۇپ، يەھۇدىي بولۇشتى.


كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا رافاھ خەلقىدىن بولغان ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى.


ئۇلار ئۆزلىرى چارلىغان زېمىن ھەققىدە ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىشىپ، مۇنداق دېيىشتى: _ بىز چارلىغان ئۇ يەرلەر ئادەم يەيدىغان يەر ئىكەن. بىز ئۇ يەردە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھەيۋەتلىك بولۇپ،


باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي. قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»


ئۇخلاۋاتقىنىڭدا ھېچكىم ساڭا ۋەھىمە سالمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر سەندىن شاپائەت تىلەيدۇ.


نىل دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە _ ھاشاراتلار قاناتلىرىنى ئۆرۈپ غوڭۇلدايدىغان يەردە ياشايدىغان ئېفىيوپىيەلىكلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!


شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ چاغ كەلگەندە، مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرى قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلىدۇ ۋە بۇ ۋەدىسىدە تۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار مىسىرغا زەربە بېرىدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا شىپالىق بېرىدۇ.


چۈنكى سەن ھەر تەرەپكە كېڭىيىسەن، ئەۋلادلىرىڭ ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەرنى ئۇلار ئاۋات قىلىدۇ.


سىلەر ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان ئەللەرنى چاقىرىسىلەر، سىلەرنى تونۇمايدىغان ئەللەر قېشىڭلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى مەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا، سىلەرگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن.»


ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ، پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite