Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 44:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 كىم مەن بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۆزىنى ماڭا ئاشكارىلىسۇن. ئۇ ماڭا، خەلقىمنى قەدىمدە تىكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى دەپ بەرسۇن. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرسۇن.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 44:7
13 Referans Kwoze  

بۇرۇن بۇتلىرىڭلار بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرگەنمۇ؟ بىرەر بۇت بىزگە: ‹ئۇنىڭ بېشارىتى توغرا ئىكەن› دېگۈدەك بىرەر بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! ھېچبىر بۇت بۇنداق بېشارەت بېرىپ باقمىغان، بۇتلار بۇنداق قىلالمىغان، ھېچكىم بۇتلاردىن بۇنداق بېشارەتنى ئاڭلاپ باقمىغان!


بۇتلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار! ئۇلار بىزگە كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇلار ئۆتمۈشتە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىلەرگە ئالدىن ئېيتقانمۇ؟ بۇتلارنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى بىلىۋالايلى! ھەمدە ئۇلاردىن كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇقۇۋالايلى.


نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار! سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار. كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟ بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟! مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.


مەن بۇرۇن ئېيتقاندەك، ئەجدادلىرىڭلارنى مەن قۇتقۇزغان ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى جاكارلىغان. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلىرىڭلار بۇنى قىلالمايدۇ. مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمگە سىلەر گۇۋاھچى.


ھەرقايسى ئەللەردىكىلەرنى يىغىڭلار، بارلىق خەلق يىغىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قايسىسى مۇشۇ ئىشلاردىن بېشارەت بېرەلىگەن؟ كىم ئۆتمۈشتە بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بېرەلىگەن؟ ئۇلار گۇۋاھچى ئەكېلىپ ئىسپاتلىسۇن، گۇۋاھچىلار بۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن.


كىم بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ كىم ئەزەلدىن تارتىپ تارىخنىڭ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلىگەن؟ بۇ ئىشلارنى قىلغان مەن پەرۋەردىگار! تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، ئەبەدىي-ئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنىمۇ مەن!


ئۇلۇغ خۇدا ئەللەرگە بەرگەندە زېمىنلارنى، ئايرىغاندا ئىنسانلارنى، ئىسرائىللارنىڭ سانى بويىچە بەلگىلىدى ئەللەرنىڭ چېگرالىرىنى.


ئەي بۇتلار، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، شۇندىلا بىز سىلەرنى ھەقىقىي ئىلاھ دەپ بىلىمىز. سىلەر، مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ياكى قورقىتىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىڭلار.


ئەي پىرئەۋن! ئەمدى سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ساڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇنچۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite