Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 44:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن، قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن. مەن ئۆز روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 44:3
38 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق، يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.


«خۇدا شۇنى ۋەدە قىلدىكى: ˜مەن ئاخىر زاماندا ھەممە ئىنسانلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. ئوغۇل-قىزلىرىڭلار مېنىڭ ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر، ياشانغانلارغا چۈشلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سالغان بولساڭلار، سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم قەلبىمدىكىنى، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاتتىم ئوي-پىكىرلىرىمنى.


ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن.


بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، رەببىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


ئەمدى ئىسرائىللاردىن دىدارىمنى يوشۇرمايمەن، ئۇلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


بۇ ئەھۋال خۇدا ئۆز روھىنى ئەرشتىن بىزگە چۈشۈرگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ چاغ كەلگەندە قاقاسلىقلار مۇنبەت زېمىنغا ئايلىنىدۇ. بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.


پېترۇس بىلەن بىللە جاففادىن كەلگەن، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ مۇقەددەس روھنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلغىنىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى.


ئۇ يەنە كۆل قىلار چۆل-باياۋاننى، بۇلاقلارغا ئايلاندۇرار چاڭقاق يەرلەرنى.


ھاجەتمەن نامراتلار سۇ ئىزدەپ تاپالمىغاندا، ئاغزى قۇرۇپ كېتىدۇ. مەن پەرۋەردىگار چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن. مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيمەن.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، تاغلاردىن تاتلىق شەربەت تامىدۇ. ئېدىرلىقلاردا سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدىيەدىكى بارلىق جىلغىلاردا سۇلار دولقۇنلايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بىر بۇلاقتىن سۇ ئېقىپ كېلىپ، شىتتىم ۋادىسىنىڭ قۇرۇق يەرلىرىنى سۇغۇرىدۇ.


خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدائاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭدىن ئالدى ۋە ھازىر كۆرۈۋاتقان، ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلاردەك، بۇ روھنى بىزلەرگە چۈشۈردى.


مەن ئۇلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىمەن ۋە تېغىمنىڭ تۆت ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلىمەن. ئۇلارغا پەسىل يامغۇرى ياغدۇرۇپ، بەخت ئاتا قىلىمەن.


ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەممە ئەللەر بىلىدىغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تونۇلىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»


مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.


پەرۋەردىگار خەلقىمنى قۇملۇقلاردىن ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇلار ئۇسسۇلۇقتىن قىينالمىدى. چۈنكى خۇدا تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى، خۇدا تاشنى يارغانىدى، ئۇ يەردىن بۇلاق سۇلىرى ئېتىلىپ چىقتى.


ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ.


پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.


ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.


ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.


- جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ


ئەۋلادلىرىڭنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، خۇددى ئوت-چۆپتەك مول بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن.


ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولاتتى، ئەۋلادلىرىڭلار خۇددى قۇم زەررىچىلىرىدەك كۆپ بولاتتى. ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيتتى، ھەرگىز مېنىڭ ئالدىمدىن يوقىتىلمايتتى.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار، كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر، مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.


ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر.


ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ دەريا شەرققە قاراپ ئېقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى ئارقىلىق ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ تۇزلۇق سۈيى تاتلىق سۇغا ئايلىنىدۇ.


سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى تېرىڭلار، ئۇنىڭدىن مېھىر-مۇھەببەت ھوسۇلى ئېلىڭلار. قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار. ھازىر سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىڭلارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى. مەن كېلىپ، ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنىڭ يامغۇرىنى ياغدۇرىمەن.


ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.


مەن پەرۋەردىگار ئۈزۈمزارلىقىمنى قوغدايمەن، مەن ئۇنى دائىم سۇغىرىپ تۇرىمەن. مەن ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز قاراپ، ھېچكىمنى چېقىلدۇرمايمەن.


ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىكەنلىكىمنى، مېنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى ۋە مەندىن باشقا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر قايتا نومۇسقا قالمايسىلەر.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، مەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى قايتا گۈللەندۈرىمەن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite