يەشايا 44:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى28 مەن: ‹كورەش پادىشاھ پادىچىغا ئوخشاش خەلقىمنى باقىدۇ› دېسەم، ئۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن، ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇللىرى قايتا سېلىنسۇن› دەيدۇ.» Gade chapit la |
«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانىدۇر. پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا تەيىنلىدى. ئاراڭلاردا ياشايدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە قايتسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!»
مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.