25 مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن. بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.
بىكار قىلار پەرۋەردىگار خۇداسىزلارنىڭ قارارلىرىنى، يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى.
بابىلنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەخمەقلىكى ھالاكەت ئالدىدا ئىسپاتلىنىدۇ. ھالاكەت ئالدىدا بابىلنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھىمە باسىدۇ.
داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنى ئابسالومغا ئەخمىقانە مەسلىھەت بەرگۈزگەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، مەن بۇ خەلققە، ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئاقىللىرى ئەقىلسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ پاراسەتلىك كىشىلىرى، پاراسەتسىز بولۇپ قالىدۇ!»
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى.
پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. «تېمان شەھىرىدە ئەقىل-پاراسەت قالمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ دانالىرى ياخشى نەسىھەت بېرەلمەمدۇ؟ ئەجەبا، ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت غايىب بولدىمۇ؟
ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى كەچ كىرگۈچە ھارۋىسىدا ئارراملارغا يۈزلىنىپ، چىداپ ئولتۇردى. كۈن پاتقاندا ئۇ جان ئۈزدى.
باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ: _ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.
ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.
ئۇ چاغلاردا كىشىلەرگە ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرى خۇدادىن كەلگەن مەسلىھەتتەك بىلىنەتتى. ئابسالوم ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى بەجايىكى داۋۇت قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلاتتى.
ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ مۇساغا تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىنىمۇ باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتكەنىدى.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ئاخاب ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى سامارىيە شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە قىلىندى.
جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.
رەمچىلەر خىجىللىقتا، پالچىلار نومۇستا قالىدۇ. شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا مەن خۇدادىن جاۋاب كەلمەيدۇ.»
ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ، ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ھەققىدە سۆزلىشىپ: ‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دەيدۇ.
مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.
بۇتلاردىن مەسلىھەت سوراش بىھۇدىدۇر. پالچىلارنىڭ سالغان پاللىرى يالغاندۇر. ئۇلارنىڭ چۈشلەرگە تەبىر بېرىشلىرى تۇتۇرۇقسىزدۇر. ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئازغان قويلاردەك يۈرۈشىدۇ، پادىچىسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە قىينىلىدۇ.