يەشايا 44:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى24 سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى. Gade chapit la |
مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»
ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»