15 بۇ دەرەخنىڭ بىر قىسمىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ ئىسسىنىدۇ ھەم نان پىشۇرىدۇ. يەنە بىر قىسمىدا ئۆزى چوقۇنىدىغان بىر «ئىلاھ»نى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.
ئامازيا ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىلاھ قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، قۇربانلىق قىلدى.
قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىدى. جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى.
ئەي ئەللەردىكى ئامان قالغانلار، يىغىلىپ كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار! ياغاچتىن ياسالغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلىپ، ئۇلارنى يۈدۈپ يۈرگەن ئادەملەر نېمىدېگەن ئەخمەق-ھە!
پەقەت ئەخمەق كىشىلەرلا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتنى ياسايدۇ.
بىراق سەردارلارنىڭ كۆزى يۇمۇلۇشى بىلەنلا، ئۇلار يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، چىرىك يولغا مېڭىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بەكرەك رەزىللىشىپ كېتەتتى. يات ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇناتتى ۋە سەجدە قىلاتتى، رەزىللىك ۋە جاھىللىقتىن ۋاز كەچمەيتتى.
ئۇ كېدىر ياغىچىنى كېسىدۇ، ياكى ئورمانلىقتىكى كىپارىس، دۇپ دەرىخىنى تاللاپ قويۇپ، چوڭ ئۆسكەندىن كېيىن ئۇنى كېسىدۇ، ياكى قارىغاينى ئۆزى تىكىدۇ، يامغۇرلار ئۇنى چوڭ قىلىدۇ.
ئۇ ياغاچنىڭ بىر قىسمىنى قالاپ گۆش پىشۇرۇپ، قورساقنى تويدۇرىدۇ ۋە ئىسسىنىدۇ. ئۇ: «مەن ئوتقا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئىسسىنىۋالدىم» دەيدۇ.
ئۇ قالغان بىر قىسىم ياغاچتا بىر بۇت ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنىدۇ، ئۇ: «سەن مېنىڭ ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ.
بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.
ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى، ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىگە، يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇندى.