26 سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىدىن ئاغرىنغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار! مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىڭلار! ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھسىزلىقىڭلارنى ئىسپاتلاپ بېقىڭلارچۇ قېنى؟
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.
ھەرقايسى ئەللەردىكىلەرنى يىغىڭلار، بارلىق خەلق يىغىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قايسىسى مۇشۇ ئىشلاردىن بېشارەت بېرەلىگەن؟ كىم ئۆتمۈشتە بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بېرەلىگەن؟ ئۇلار گۇۋاھچى ئەكېلىپ ئىسپاتلىسۇن، گۇۋاھچىلار بۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن.
كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟ ھېچكىم! چۈنكى، بىز خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان.
قوبۇل قىلغىن ئىسرىق كەبى مېنىڭ دۇئايىمنى، كەچتە قىلغان قۇربانلىق كەبى كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمنى،
چۈنكى ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش يولىنى بىلمەي، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىغا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ئۇشبۇ يولنى قوبۇل قىلمايدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، شۈك تۇرۇپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! جەسۇرراق بولۇپ، ئالدىمغا كېلىڭلار، ماڭا گەپ قىلىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.
مېنى ئاقلىغۇچى مېنىڭ يېنىمدىدۇر، قېنى، كىم مەن بىلەن دەۋالىشالايدۇ؟ بىز يۈزلىشەيلى! قېنى، كىم مېنى ئەيىبلىيەلەيدۇ؟ بىز سوتقا بارايلى!
خۇددى ئىنسانلار ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولغىنىدەك، ئىنسانلار بىلەن خۇدا ئارىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى-ھە!؟
ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
كىممۇ ئۇنىڭغا بىرنەرسە بېرىپ، ئۇنى قەرزدار قىلالىسۇن؟»
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسىتىسىلەر. لېكىن، خۇدا كۆڭلۈڭلارنى ياخشى بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قەدىرلەيدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى قويلاردەك كۆپەيتىمەن.
ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ: - مېنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قوشنىلىرىم كىملەر؟ - دەپ سورىدى.
ئارىمىزغا يېنىپ كېلىپ ئى خۇدا، نامىڭنى قوغدىغىنا قايتىدىن. ھاماقەت كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم مەسخىرە قىلغانلىرىنى چىقارمىغىن يادىڭدىن.