Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 43:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 سىلەر پۇل خەجلەپ ماڭا پۇراقلىق كۈجە تەقدىم قىلمىدىڭلار، قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ ياغلىرى بىلەن مېنى قانائەتلەندۈرمىدىڭلار، ئەكسىچە سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار بىلەن ماڭا يۈك بولدۇڭلار، رەزىللىكىڭلار مېنى چارچىتىۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 43:24
18 Referans Kwoze  

يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟


ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.


سىلەرنىڭ يېڭى ئاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلار ماڭا ئېغىر يۈك بولدى، ئۇلارنى كۆتۈرۈشتىن زېرىكتىم.


ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ.


لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.


مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن، دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن، ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›


ئىگىسىگە ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبى بار بولغان مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلۇغ پادىشاھتۇرمەن، پۈتكۈل ئەللەر نامىمدىن ئەيمىنىدۇ.»


ئاشلىق بېسىلغان ھارۋا يەرنى چىڭدىغاندەك، ئەمدى مەن سىلەرنى چىڭداپ، مىجىقىڭلارنى چىقىرىۋېتىمەن.


ياش ۋاقىتلىرىڭدا ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ. قاراپ تۇر، سېنى چوقۇم قىلمىشىڭغا لايىق جازالايمەن. ئەي يېرۇسالېم، سېنىڭ قىلغان ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ يەتمەسمىدى، نېمىشقا يەنە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ؟ بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›


ئىسرائىللارنى تاللىغان قادىر خۇدا، يەنى ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «رەقىبلىرىم بولغان سىلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، دۈشمەنلىرىم بولغان سىلەردىن ئىنتىقام ئالىمەن.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


بۇلارنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بارلىق مايلار ماڭا تەئەللۇقتۇر.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ يېلىم، قۇلۇلە قېپى تالقىنى، دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى رۇمىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىنىپ،


ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى باش روھانىي ھارۇن چىراغلاردىن خەۋەر ئالغىلى كەلگەندە، ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقلارنى كۆيدۈرسۇن.


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite