Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 43:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا قويلارنى ئەكەلمىدىڭلار، ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلمىدىڭلار. مەن ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قىلىڭلار دەپ، سىلەرگە ئېغىر يۈك سالمىدىمغۇ؟ ماڭا ئىسرىق سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، سىلەرنى چارچىتىۋەتمىدىمغۇ؟

Gade chapit la Kopi




يەشايا 43:23
19 Referans Kwoze  

ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر چۆل-باياۋاندا ياشىغان قىرىق يىل جەريانىدا، راست ماڭىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇندۇڭلارمۇ؟


مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس.


ئىنسان خۇدانىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىيالامدۇ؟ دەرھەقىقەت، سىلەر مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئوغرىلىدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ئوغرىلىيالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ۋە ھەدىيەلەرنى ئوغرىلىدىڭلار.


مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ھەدىيە تەلەپ قىلمىغانىدىم.


لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.


يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر.


پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.


_ ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى سۇنسۇن. ئۇنغا زەيتۇن يېغى قۇيسۇن ۋە مەستىكى رۇمى قويسۇن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ يېلىم، قۇلۇلە قېپى تالقىنى، دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى رۇمىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىنىپ،


ھەربىر دەستە نان ئۈستىگە بىرئازدىن ساپ مەستىكى رۇمى قويغىن. بۇ مەستىكى رۇمىلار مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان نانلارنىڭ نىشانىسى بولىدۇ.


ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى، ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقىڭلارنى ماڭا ئاتىماڭلار، ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلار يەڭلار!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىم، مەن سىلەرگە نېمە قىلدىم؟ سىلەرگە بىرەر ئېغىرلىقىم چۈشتىمۇ؟ جاۋاب بېرىڭلار!


مەن يەنە لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان مۇناجاتچىلار ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ ئېتىزغا ئىشلەشكە كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite