19 قاراڭلار، مەن يېڭى بىر ئىش قىلماقچى. بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلاندى، ئەجەبا سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.
سىلەر ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئەجەبا، يەنە قايىل بولمامسىلەر؟ مەن ھازىردىن باشلاپ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى، سىلەر ئاڭلاپ باقمىغان سىرلىق ئىشلارنى بىلدۈرىمەن.
قاراڭلار! مېنىڭ بۇرۇنقى بېشارەتلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈز بەردى، ئەمدى مەن سىلەرگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىمەن، شۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بېشارەت بېرىمەن.»
بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.
بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى.
مەن دەريالارنى تاقىر ئېگىزلىكلەرگە ئاققۇزىمەن، جىلغىلاردىن بۇلاقلارنى چىقىرىمەن، چۆللۈكلەردە كۆللەرنى پەيدا قىلىمەن، قاقاسلىقنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرىمەن.
مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن: خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»
مەن سىناي تېغىدىكى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن. سەن قورام تاشنى ئۇرغىن، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغانىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى.
ئۇ سىلەرگە زەھەرلىك يىلان ۋە چايانلار قاپلىغان قۇرغاق ۋە قورقۇنچلۇق چەكسىز چۆللۈكتە يول باشلاپ ماڭدى. ئىچىشىڭلار ئۈچۈن قاتتىق تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى.
تاشنى يېرىپ ئارىلىقلىرىدىن سۇ چىقاردى، قاقاس چۆلدە ئېقىن-دەريا پەيدا قىلدى.
ئاندىن مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاياق بىلەن تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇدىن ئىچىشتى.
روناق تاپقان ۋاقتىمىزغا قايتۇر بىزنى، ئى پەرۋەردىگار، توساتتىن سۇغا تولغاندەك جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار.
سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوقا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك ئېرىق-ئېرىق سۇلار ئېقىپ كېلىدۇ.
ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.
پەرۋەردىگار بىزنىڭ قۇدرەتلىك قوغدىغۇچىمىز بولىدۇ. ئۇ دۈشمەن ئۆتەلمەيدىغان قوغدىغۇچى دەريا بولىدۇ، ئۇنىڭدا دۈشمەننىڭ ھېچبىر كېمىسى ئۈزەلمەيدۇ.
چۆل-جەزىرىلەر شادلىققا چۆمىدۇ. قاقاسلىقلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
مەن چۆللۈكلەرگە كېدىر دەرىخى، ئاكاتسىيە دەرىخى، مىرتا دەرىخى ۋە زەيتۇن دەرىخى تىكىمەن. مەن قۇملۇقلارغا قارىغاي دەرىخى، شەمشاد دەرىخى ۋە كىپارىسلارنى تىكىمەن.
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.
مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن. ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ. شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ.
مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇنداق ۋاقىتلار كېلىدۇ، كىشىلەر قەسەم قىلغاندا: ‹ئىسرائىل خەلقىنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار نامى بىلەن...› دېمەيدىغان بولىدۇ،
شۇڭا، سىلەرنىڭ: ‹بۇ ئىشلارنى مېنىڭ بۇتۇم قىلدى، مېنىڭ ياسىغان بۇتۇم، مەن قۇيۇپ ياسىغان ئىلاھىم شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى› دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە بۇرۇنلا بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئېيتقانىدىم، بۇ ئىشلارنى يۈز بەرمەستىن ئىلگىرىلا سىلەرگە بىلدۈرگەنىدىم.
مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن. پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن. چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن، ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»