Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 43:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىرى، قوشۇنلىرى، چەۋەندازلىرى سىلەرگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە، ئۇلارنى بىراقلا يىقىتىپ، قوپالماس قىلىۋەتكەن، ئۇلارنى ئۆچكەن چىراغقا ئوخشاش يوقىتىۋەتكەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

Gade chapit la Kopi




يەشايا 43:17
16 Referans Kwoze  

كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۇلار مېنى ھەرىلەردەك، ئۆچۈرۈلدى شۇنچە تېزدىن قۇرغاق تىكەن ئوتىدەك. پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.


ئۇ دېڭىزغا غەرق قىلدى مىسىر قوشۇنىنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇلارنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىرىنى.


ئېزىلگەن قومۇشنى سۇندۇرماس، ئۆچەي دەپ قالغان چىراغنىمۇ ئۆچۈرمەس، تاكى ئادالەت زەپەر قۇچقۇچە،


مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىرگەندە، پەرۋەردىگار دېڭىز سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى.


مەن سەن ئارقىلىق ئاتلار ۋە چەۋەندازلارنى يوقاتتىم، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم.


مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ ئەكېلىمەن. جاۋىغايلىرىڭدىن ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، چوڭ-كىچىك قالقان تۇتقان، قىلىچ ئوينىتىدىغان بارلىق لەشكەرلىرىڭنى، ئاتلىرىڭنى ۋە ساۋۇت كىيگەن چەۋەندازلىرىڭنى سۆرەپ ئەكېلىمەن.


باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا جان بەردى، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite