Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 43:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 مەن بۇرۇن ئېيتقاندەك، ئەجدادلىرىڭلارنى مەن قۇتقۇزغان ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى جاكارلىغان. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلىرىڭلار بۇنى قىلالمايدۇ. مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمگە سىلەر گۇۋاھچى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 43:12
13 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم. سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ خىزمەتكارىم قىلىپ تاللىغان. مەن سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن، مېنى تونۇسۇن مېنىڭ سىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ تاللىغان. مەندىن بۇرۇن باشقا خۇدا بولۇپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ ھەم بولمايدۇ.


پەرۋەردىگار ئۆزى يالغۇز خەلقىنى باشلاپ ماڭغاندا، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى يوق ئىدى يېنىدا.


قورقماڭلار! تىترەپ كەتمەڭلار! بۇرۇن مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم! مەندىن باشقا يەنە خۇدا بارمۇ؟ يوق! مەندىن باشقا سىلەرنى قوغدىيالايدىغان ھېچقانداق قورام تاش يوقتۇر.»


ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»


مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك گەپلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى.


يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇنى قىزغاندۇردى، يىرگىنچلىك بۇتلارغا سېغىنىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈردى.


مەن يوشۇرۇن گەپ قىلمىدىم، ياكى قاراڭغۇ جايدا گەپ قىلمىدىم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا: ‹مېنى ئىزدەپ تاپالمايسىلەر› دېمىدىم. مەن پەرۋەردىگار دائىم ھەقىقەتنى ۋە ئادىللىقنى سۆزلەيمەن.


بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.


بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە يېتەكچى سەردار قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite