Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 42:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 «مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم. مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن. مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن. مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 42:6
36 Referans Kwoze  

ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: «يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نۇر قىلىپ ئەۋەتتىم.»


ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.


پەرۋەردىگار سىئونغا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن، نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. مەن سېنى قوغدايمەن، مەن سېنى خەلقىم بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمنىڭ ۋاسىتىچىسى قىلىمەن. سەن بۇ يۇرتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىسەن، خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زېمىننى قايتىدىن تەقسىم قىلىسەن.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان.


ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. ئۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبلىك كونا ئەھدە تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن ئىبارەت جازادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلدى.


ئۇلار قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ھەممىدىن بۇرۇن ئۆلۈمدىن مەڭگۈگە تىرىلدۈرۈلۈپ، ئۆز خەلقى ھەم پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە نىجاتلىق نۇرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئالدىن ئېيتقانىدى.


خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.


«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.


چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنىڭ ئوڭ قولۇڭلارنى تۇتۇپ تۇرىمەن. ‹قورقماڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم قىلىمەن!› دېگۈچى مەن ئۆزۈمدۇرمەن.


ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن روھانىيلىق ۋەزىپىسى بولسا باشقا روھانىيلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. شۇنىڭدەك، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېيىنكى ئەھدە دەسلەپكى ئەھدىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، بۇ ئەھدە تېخىمۇ ياخشى ۋەدىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


ئادالەت ئۈچۈن كورەش پادىشاھنى قوزغىتىدىغان، ئۇنىڭ يولىنى راۋان قىلىدىغان مەن بولىمەن. ئۇ مېنىڭ شەھىرىمنى قايتا قۇرىدۇ. ئۇ ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلماستىن ۋە پارا ئالماستىن، مېنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىمنى ئازاد قىلىدۇ.» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيسا مەسىھ ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنى بولغان جايدۇر. بۇ سېپىلگەن قان ھابىلنىڭ قېنىدەك ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا، گۇناھلارنى كەچۈردۈم، دەپ كاپالەت بېرىدۇ.


بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.


قاراڭلار! كەلگۈسىدە بىر پادىشاھ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئادالەت بىلەن يۇرت سورايدۇ.


ئىبراھىممۇ ئېرىشكەن ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. مالكىسىدىق دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. ئۇ سالىم شەھىرىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، «سالىم پادىشاھى» دېگەننىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر.


مەن پەرۋەردىگار ئۈزۈمزارلىقىمنى قوغدايمەن، مەن ئۇنى دائىم سۇغىرىپ تۇرىمەن. مەن ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز قاراپ، ھېچكىمنى چېقىلدۇرمايمەن.


كىم كۈنچىقىشتىن بىر ھۆكۈمراننى قوزغىتىدۇ؟ كىم ئۇنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە چاقىرىدۇ؟ كىم ئەللەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ؟ كىم پادىشاھلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ قىلىچى ئۇلارنى توپىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوقياسى ئۇلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن ساماندەك تارقىتىۋېتىدۇ.


پەرۋەردىگار كورەشنى تاللىدى، ئۇ ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا شەھەرلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ھېچكىم بۇ دەرۋازىلارنى يېپىۋېتەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھقا مۇنداق دەيدۇ:


بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائال نامىدىن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite