20 سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار. قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.»
سەن باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ باشقىلارغا ئوغرىلىق قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟
ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.
مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم: «كىمگە گەپ قىلاي، كىمنى ئاگاھلاندۇراي؟ گېپىمنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېتىۋېتىلگەن، ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلمايدۇ، پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.
ئۇلار ھەر كۈنى مەندىن ئۆتۈنىدۇ، ‹سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمىز!› دەيدۇ. خۇددى توغرا يولدا ماڭغان خەلقتەك، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك، ئۇلار مەندىن ئادالەتنىڭ ھۆكۈمىنى سورايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا يېقىنلىشىشنى خالايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.
ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ، خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»
كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار.
لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار.
مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق
ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ.
ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ ئۇ خەلققە: «ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر، كۆرىسىلەر، بىراق ھېس قىلالمايسىلەر.» دەپ ئېيتقىن.
سەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت چىلتار چېلىپ، مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىدىغان غەزەلچى، خالاس. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ.