Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 42:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئەمما ئويما بۇتلارغا ئىشەنگەنلەر، شۇ بۇتلارنى ‹ئىلاھىم› دەپ بىلگەنلەر، چوقۇم تاشلىنىپ قالىدۇ، قاتتىق نومۇستا قالىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 42:17
13 Referans Kwoze  

شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».


بۇت ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ، ئۇلار پەقەت ئاجىز ئىنسان ئەمەسمۇ! ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلسۇن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى قورقۇنچ باسىدۇ، ئۇلار نومۇس قىلىدۇ.


سىلەر ياخشى كۆرگەن دۇپ دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر، سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن شەرمەندە بولىسىلەر.


ئۇ قالغان بىر قىسىم ياغاچتا بىر بۇت ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنىدۇ، ئۇ: «سەن مېنىڭ ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ.


ئۇلار مەن كۆرسەتكەن يولدىن تېزلا چەتنەپ، ئالتۇندىن موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇندى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇلار: «بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇدۇر» دېيىشتى.


ھارۇن ھالقىلارنى ئېرىتىپ، موزاينىڭ بۇتىنى ياسىدى. خەلق: _ ئەي ئىسرائىللار، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇ! _ دېيىشتى.


بۇتلارنى ياسىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق، ئۇلار قەدىرلىگەن بۇتلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلار قارىغۇلاردۇر، ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ.


شۇڭا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر نومۇستا قالىسىلەر.


لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق!


بۇتلارنى ياسىغانلار، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite