13 پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك، ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى، شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار، مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار! مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم. پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.»
ئاموس مۇنداق دېدى: «ھۆركىرەر پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن، ياڭرار ئۇنىڭ ئاۋازى يېرۇسالېمدىن. قۇرۇپ كېتەر پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، قۇرۇپ كېتەر كارمەل تېغىنىڭ چوققىسى.»
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.
پەرۋەردىگار ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالىدىغان ۋە غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ ئۆز رەقىبلىرىگە قەھرى بىلەن قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.
بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ.
ئەي يەرەمىيا! ھازىر سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار ئەرشتە شىرغا ئوخشاش ھۆركىرەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس ماكانىدا تۇرۇپ، گۈلدۈرلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى ھۆركىرەپ، خۇددى ئۈزۈم يانجىۋاتقان ئادەمدەك توۋلايدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا ۋارقىرايدۇ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «شىرلار ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئولجىنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ. شىر ئۆزىنى قوغلىۋەتمەكچى بولغان قويچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈرەن سېلىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىغا چۈشۈپ، ئۇرۇش قىلىمەن.
ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.
سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر، ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ، پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ.
ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى غەلىبە قىلماقتا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.
پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ، يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە، ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.
شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىن بىزگە نەزەر سال! مۇقەددەس، شەرەپلىك ماكانىڭدىن نەزەر سال. سېنىڭ قىزغىنلىقىڭ، ھەممىگە قادىرلىقىڭ نەگە كەتتى؟ سېنىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ ۋە شاپائىتىڭ توختاپ قالدىغۇ؟