8 ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، سىلەر مەن تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ دوستۇم ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى.
بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى.
ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەرنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىپ، دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟!
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان خەلقدۇرسىلەر. ئۇ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.
ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىللار! بۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم. مەن سىلەرنى مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇشقا ياراتتىم، مەن سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ئىبراھىمنى قۇتقۇزۇۋالغان پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئەمدى نومۇس قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمدى يۈزى تۆكۈلمەيدۇ.
پەرۋەردىگارنى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر.
ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.
پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى، ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى.
«كىشىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى تاشلىۋەتتى› دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقىمنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى بىر ئەل قاتارىدا كۆرمەيدۇ.
«ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئەي، مەن تاللاپ چاقىرىۋالغان ئىسرائىل خەلقى، گېپىمنى ئاڭلاڭلار! مەن پەرۋەردىگارىڭلارمەن، مەن تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسىدۇرمەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
گەرچە ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە ياقۇپ بىزنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، قەدىمدىن بۇيان «قوغدىغۇچىمىز» ئاتىلىپ كېلىۋاتىسەن.
ئۇ ماڭا: «ئەي ئىسرائىل خەلقىم، سەن مېنىڭ خىزمەتكارىمسەن، مەن سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىمەن» دېدى.
لېكىن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى پۈتكۈل ئەللەر ئىچىدىن تاللىدى. ئەھۋال مانا بۈگۈن سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەكتۇر.
چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. ئۇلار قۇل ئورنىدا سېتىلمىسۇن.
ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىبراھىمنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.
ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قۇللىرى ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.
كىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك ئەما؟ كىممۇ مەن ئەۋەتكەن ئەلچىدەك گاس؟ كىممۇ مەن تاللىغان خەلقىمدەك قارىغۇ؟ ھېچكىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك قارىغۇ ئەمەس.
قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللە. مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى شەرق ۋە غەربتىن قايتۇرۇپ كېلىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم. سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ خىزمەتكارىم قىلىپ تاللىغان. مەن سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن، مېنى تونۇسۇن مېنىڭ سىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ تاللىغان. مەندىن بۇرۇن باشقا خۇدا بولۇپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ ھەم بولمايدۇ.
گەرچە سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ، مەن سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىمەن. ساڭا كاتتا شۆھرەتلىك نام بېرىمەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم: خىزمەتكارىم ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى مەن تاللىغان ئىسرائىللار ئۈچۈندۇر.
پەرۋەردىگار: «مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدىم» دەيدۇ. لېكىن سىلەر: «راستمۇ، سەن بىزگە قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەساۋ ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن ئەجدادىڭلار ياقۇپقا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىم،
ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىسرائىلنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قوۋمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.