Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 41:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 دېڭىز بويىدىكى ئەللەر مەن قىلغان ئىشلارنى كۆرسىلا قورقىدۇ، پۈتۈن جاھاندىكى خەلقلەر تىترىشىدۇ، ئۇلار بىر يەرگە توپلىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 41:5
12 Referans Kwoze  

خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي، بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي.


شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا‏: «نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ! كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا.


ئەيمىنەر كارامەتلىرىڭدىن يىراقتىكى ئەللەر، شەرقتىن-غەربكىچە كۈي ياڭرىتار خەلقلەر.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.


سىلەر مىسىردىن چىققاندا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قىزىل دېڭىزنى يېرىپ، قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار، يەنە سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ سىخون ۋە ئوگ دېگەن ئىككى پادىشاھىنى ۋە پۇقرالىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىڭلاردىنمۇ خەۋەردارمىز.


بۇلارنى ئاڭلىسا تىتىرەك باسار جىمى ئالەمنى، ۋەھىمە باسار فىلىستىيە خەلقىنى.


ئۇلار دېڭىز بويلىرى ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى. ئۇلار ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشايدىغان ھەر خىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن بولۇپ قالدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، شۈك تۇرۇپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! جەسۇرراق بولۇپ، ئالدىمغا كېلىڭلار، ماڭا گەپ قىلىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.


ئۇلار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ‹جاسارەتلىك بول!› دېيىشىدۇ.


سەن يوقالغان كۈنى تىترىگەنىدى دېڭىز بويىدىكى ئەللەر. ۋەيران بولغانلىقىڭنى كۆرگەندە، ساراسىمىگە چۈشتى ئاراللار.›»


سەن يەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سۇ بىلەن سۇغىرىپ ئۇنى بەكمۇ مۇنبەتلەشتۈردۈڭ زېمىنىڭنى. سۇغا تولدۇردۇڭ ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريالىرىڭنى، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە بەندىلىرىڭنى. سەن نېسىپ قىلدىڭ شۇنداق بولۇشنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite