Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 41:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 بۇتلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار! ئۇلار بىزگە كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇلار ئۆتمۈشتە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىلەرگە ئالدىن ئېيتقانمۇ؟ بۇتلارنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى بىلىۋالايلى! ھەمدە ئۇلاردىن كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇقۇۋالايلى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 41:22
11 Referans Kwoze  

نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار! سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار. كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟ بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟! مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


يىغىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار، قايسى بىر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلىگەن؟ مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بابىلغا قارشى ئىش قىلغۇچىنى، مەنكى پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىمەن. ئۇ قولىنى بابىللىقلارغا قارشى كۆتۈرىدۇ.


مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن. مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


كىم مەن بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۆزىنى ماڭا ئاشكارىلىسۇن. ئۇ ماڭا، خەلقىمنى قەدىمدە تىكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى دەپ بەرسۇن. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرسۇن.


ئۇ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزۈپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىدۇ.


سىلەرگە بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر.


قاراڭلار! مېنىڭ بۇرۇنقى بېشارەتلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈز بەردى، ئەمدى مەن سىلەرگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىمەن، شۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بېشارەت بېرىمەن.»


بۇرۇن بۇتلىرىڭلار بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرگەنمۇ؟ بىرەر بۇت بىزگە: ‹ئۇنىڭ بېشارىتى توغرا ئىكەن› دېگۈدەك بىرەر بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! ھېچبىر بۇت بۇنداق بېشارەت بېرىپ باقمىغان، بۇتلار بۇنداق قىلالمىغان، ھېچكىم بۇتلاردىن بۇنداق بېشارەتنى ئاڭلاپ باقمىغان!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆتمۈشتە سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. مەن ئۇلارنى ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتقان، مەن ئۇلارنى ئالدىن سىلەرگە بىلدۈردىم. كېيىن مەن قوزغىلىپ، بارلىق بېشارەتلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.


ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite