Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 41:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 كىشىلەر بۇنى كۆرۈپلا كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلاپ چۈشىنىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان، بۇلارنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەن ياراتقان.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 41:20
20 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىرسى ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلمەيدۇ؟


ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.


مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئاپىرىدە قىلغان خەلقىم ئۈچۈن قىلىمەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.


بىراق مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە نامايان قىلىش مەقسىتى بىلەن سېنى پىرئەۋن قىلىپ تىكلىدىم.


ئۇ ۋاقىتتا، رەببىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە مەدھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا، سىلەرمۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، رەببىمىزنى مەدھىيىلىگەنلەر ئارىسىدا بولىسىلەر.


ئۇلار بىلسۇن بۇ ئىشنى سېنىڭ قىلغانلىقىڭنى، ماڭا نىجاتكار بولغۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى.


مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىمەن. پۈتكۈل ئەللەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى يىغىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. ئۇلار كېلىپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرىدۇ.


ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ، ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ھەققىدە سۆزلىشىپ: ‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دەيدۇ.


سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر.


يولدىن ئازغانلار ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ، ئاغرىنغۇچىلار تەلىمنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ.»


پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئايان بولىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتۈن جاھان كۆرىدۇ، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»


مەن سىلەرنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ياراتقۇچىسى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.»


شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر، ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ، پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ.


بۇ پاراسەتلەرنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ تەلىملىرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق. ئۇنىڭ پاراسىتى قالتىستۇر.


كىم بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ كىم ئەزەلدىن تارتىپ تارىخنىڭ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلىگەن؟ بۇ ئىشلارنى قىلغان مەن پەرۋەردىگار! تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، ئەبەدىي-ئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنىمۇ مەن!


بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ياسىدىم، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتتۇر. مەن مۇنداق ئادەمدىن خۇرسەن بولىمەن: ئۇ يۈرىكىدىن توۋا قىلغان، كىچىك پېئىللىق بىلەن ياشىغان، سۆزلىرىمنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite