Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 40:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 40:31
46 Referans Kwoze  

شۇڭا، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. تېنىمىز بارغانسېرى خاراب بولسىمۇ، روھىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا.


ئۇ سېنى بەرىكىتىدە مەمنۇن قىلار ئۆمۈر بويى، ياش چېغىڭدەك كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرار بۈركۈت كەبى.


بىزگە ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ كىشىلەر خۇددى گۇۋاھچىلاردەك ئەتراپىمىزدا بولغانىكەن، بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل ئىشلاردىن ۋە بىزنى چىرمىۋالغان گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئالدىمىزدىكى مۇساپىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ ئۆتەيلى.


شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.


بىراق، بىز تېخى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغانغا ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمىز.


پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.


ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.


تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى. چىڭ تۇتقىن ئۇنىڭ يولىنى، ئىگە قىلار زېمىنغا سېنى. كۆرىسەن رەزىللەرنىڭ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:


شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»


بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.


تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى، چۈنكى سەن قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىمسەن، كۈنبويى ساڭا ئۈمىد باغلىغانمەن.


شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار، شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار.


«سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. مەن خۇددى ئانا بۈركۈت بالىلىرىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.


روھىڭلار چۈشۈپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە خورلاشلىرىغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار.


ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.


سەۋر-تاقەت قىلىپ كۈتتۈم پەرۋەردىگارنى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى ئۇ پەريادىمنى.


شۇنداق، سەن سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەردىڭ ۋە ھارمىدىڭ.


دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.


كۆزلىرىمىز تىكىلگەندۇر خۇدايىمىز _ پەرۋەردىگارغا، قۇللارنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن قۇلدارنىڭ قوللىرىغا، دېدەكنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن ئاغىچا خېنىمنىڭ قوللىرىغا. تاكى بىزگە شەپقىتىنى كۆرسەتكىچە تەلمۈرىمىز پەرۋەردىگارغا.


مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


خۇدا رەھىم-شەپقىتى بىلەن بۇ خىزمەتنى بىزگە بەرگەنىكەن، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز.


مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.


تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.


ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى دەل ئەيسا مەسىھتۇر.


شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.


ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بەختتۇر ساڭا شۈكۈر ئېيتىش، ئى ئۇلۇغ خۇدا، نەقەدەر بەختتۇر نامىڭنى ناخشىغا قېتىش.


كىم ئۇ قىز، چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان، يۆلىنىپ يارىغا؟ ئويغاتتىم سېنى ئالما دەرىخى ئاستىدا، ئاناڭ تولغاق يەپ شۇ يەردە، تۇغقانىدى سېنى شۇ جايدا.


بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى.


ئايالنىڭ ئەجدىھادىن دالدىلىنىپ، چۆلدىكى ئۈچ يېرىم يىل بېقىلىدىغان ماكانغا ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى.


خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەندەك بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى كېرىپ قاناتلىرىنى، كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك بالىلىرىنى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، شۈك تۇرۇپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! جەسۇرراق بولۇپ، ئالدىمغا كېلىڭلار، ماڭا گەپ قىلىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.


سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى.


موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ. بۇ، مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


شەھەر دەرۋازىسىنىڭ بالداقلىرى تۆمۈر ۋە تۇچ بولىدۇ. بىر ئۆمۈر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ ئۆتىدۇ.»


مەن ھازىرمۇ مۇسا پەيغەمبەر مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن چاغدىكىدەك تىمەن تۇرۇپتىمەن، ھازىرمۇ شۇ چاغدىكىدەك ئۇرۇش ۋە باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلالايمەن.


ئى پەرۋەردىگار، غەلىبە ئاتا قىلغىن پادىشاھقا، جاۋاب بەرگەيسەن ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا.


ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇلاق سالغىن دۇئالىرىمغا. تىڭشىغىن ئىلتىجايىمنى، ئى ياقۇپنى تاللىغان خۇدا. سېلاھ


بۈركۈتنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلىشى، كېمىنىڭ دېڭىزدا مېڭىشى. يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشى.


ئىگەم پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ماڭا ئىشەنسەڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر. سىلەر سۈكۈت قىلىپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite