3 غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، مۇنداق دەپ جاكارلىدى: «پەرۋەردىگارغا چۆللۈكتە يول ئېچىڭلار! خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇملۇقتا بىر تۈپتۈز يول ياساڭلار!
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!
يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقان، خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى كېلىشتىن ئىلگىرى چۆلدە، «رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تۈز يول تەييار قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان كىشى مەندۇرمەن!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يول ياساڭلار، ئۇنى قۇرۇپ، تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىدىكى ھەرقانداق توسالغۇنى ئېلىۋېتىڭلار!
قاراڭلار، مەن يېڭى بىر ئىش قىلماقچى. بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلاندى، ئەجەبا سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.
زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.
مەن تاغلارنى تۈزلەپ يول ئېچىپ، ئۇلارغا داغدام يول تەييارلايمەن.
خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار، «مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى. ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.
ھەربىر جىلغا تولدۇرۇلسۇن. بارلىق تاغ-ئېدىرلار تۈزلەنسۇن. ئويمان-چوڭقۇرلار تىندۇرۇلسۇن، كاتاڭلار ئوڭشالسۇن.