23 ئۇ ھۆكۈمدارلارنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھۆكۈمرانلارنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ.
ياۋ ھۆكۈمدارلىرىنى شەرمەندە قىلىپ پەرۋەردىگار، ئۇلارنى دەشت-چۆل، باياۋاندا سەرسان قىلار.
ئۇ مەرتىۋىلىكلەرنى شەرمەندە قىلىپ، ئەمەلدارلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
بۇ يەرگە پادىشاھلىق قىلغۇدەك بىرەر ئېسىلزادە ئادەم چىقمايدۇ، ئۇ يەرنىڭ شاھزادىلىرىنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ.
بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.
ئەمەلدارلار كىبرىنى خۇدا سۇندۇرار، قورقار ئۇنىڭدىن بارلىق پادىشاھلار.
ئۆزىنى دانا دەپ بىلگەنلەرنىڭ، ئۆزىنى زېرەك ھېسابلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
مەن موئابنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىمەن. ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى قىرىپ تاشلايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئۇ روھانىيلارنىڭ تونىنى سالدۇرۇۋالىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ھوقۇق تۇتقانلارنى ئاغدۇرىدۇ.
ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.