Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 40:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ، زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ، ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 40:22
28 Referans Kwoze  

لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.


ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان، زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان، ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:


ئۇ يەردە ئىدىم خۇدا ئاسماننى ئورناتقىنىدا، دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزغىنىدا،


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەرش مېنىڭ تەختىم، زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر، سىلەر ماڭا قانداق بىر ساراي ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟


پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.


يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.


قەدىمدىن بار بولغان، ئاسمانلاردا يۈرىدىغان، قۇدرەتلىك ئاۋازىدا ئاسمان باغرىنى يارغان، ئىگىمىزنىڭ شەنىگە كۈي-ناخشىلار ئېيتىڭلار.


ئۇ ئاسمان گۇمبىزىنى چارلاپ يۈرگەندە، بۇلۇتلار ئۇنىڭ نەزىرىنى تۇسۇۋالىدىغان تۇرسا› دەيسەن.


ئۇ ئۆزى يالغۇز ئاسماننى يېيىپ، دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدە مېڭىپ يۈرىدۇ.


ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىن ئۇلىنى سالغان، ياراتقۇچى مەن پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن، ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ھولۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟ قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟


سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.


قاراڭلار، ھەرقايسى ئەللەر چېلەكتىكى بىر تامچە سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇلار تارازىدىكى چاڭ-توزانغا ئوخشايدۇ. پەرۋەردىگار ئاراللارنى خۇددى چاڭ-توزاننى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەلەيدۇ.


مانا كۈلمەكتە، ئولتۇرغۇچى ئەرش تەختىدە، پەرۋەردىگار قىلماقتا ئۇلارنى مەسخىرە.


بىز ئۇ يەردە نىفىللارنى كۆردۇق (ئۇلار ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر). بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېكەتكىدەك ھېس قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز چېكەتكىدەك ئىدۇق.


بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان، ئىنسانغا روھ ئاتا قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:


توپان بالاسى بولغاندا پەرۋەردىگار ئىدى ئۆز تەختىدە، پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، ئۇ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە.


ئۇنىڭ بۇلۇتلارنى تارقىتىپ، ئۆز ماكانىدا تۇرۇپ چاقماق چاقتۇرۇشىنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟


بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.


سەنمۇ خۇداغا ئوخشاش تۇچ ئەينەكتەك ئاسماننى يايالامسەن؟


ئاندىن خۇدا: «سۇلارنى ئىككىگە ئايرىش ئۈچۈن بىر پاسىل بولسۇن!» دېدى.


يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، قويۇق، قارا بۇلۇتلار قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.


تىۋىشلىرى يېيىلىپ كەتكەن تامام يەر يۈزىگە، خەۋىرى يېتىپ بارغاندۇر جاھاننىڭ چەتلىرىگە. قۇياش ئۈچۈن بىر چېدىر تىككەندۇر خۇدا ئاسمانغا،


«ئى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە پەرۋەردىگارىسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىسەن.


ئۇ شىمالدىكى ئاسماننى بوشلۇق ئۈستىگە يايدى، زېمىننى بوشلۇققا ئېسىپ قويدى.


ئۇ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورناتقۇچە، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرمۇ ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite