21 ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ سىلەرگە باشتىلا دەپ بېرىلمىگەنمۇ؟ ئەجەبا سىلەر زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟
شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
مەن ئۆز قولۇم بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىم، مەن ئوڭ قولۇم بىلەن ئاسماننى يايدىم. مەن ئۇلارغا بىرلا چاقىرىق قىلسام، ئۇلار شۇ ھامان تەييار بولىدۇ.
ئەي، مەندىن يۈز ئۆرۈگەن خەلقىم، بۇ ئىشلارنى ئويلاڭلار، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار.
ئەرشتە نامايان بولار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى، بەرھەق، ئالەمنىڭ سوراقچىسىدۇر خۇدا ئۆزى. سېلاھ
ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى.
بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئۆزلىرى ئاخىرى بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.
ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىن ئۇلىنى سالغان، ياراتقۇچى مەن پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن، ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ھولۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟ قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟
ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر، سىلەرنىڭ نادان قەلبلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ، بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر.
شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.
خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى.
سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.
ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر، ئۇ پۈتۈن جاھاننى ياراتقان، ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ پاراسىتىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.
ئۇ شىمالدىكى ئاسماننى بوشلۇق ئۈستىگە يايدى، زېمىننى بوشلۇققا ئېسىپ قويدى.