يەشايا 40:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›» Gade chapit la |
لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.