19 بۇتنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالامسىلەر؟ بۇتنى قۇيمىچى قۇيۇپ چىققان، زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ھەل بېرىپ، كۈمۈش زەنجىرلەر بىلەن بېزىگەن.
بۇ بۇتلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تارشىشتىن، ئالتۇن ئۇفاز زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ بۇتلار ياغاچچى ۋە زەرگەرلەرنىڭ قول ھۈنىرىدۇر. ئۇلارغا كۆك ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسالغان.
مىكاھ كۈمۈشلەرنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى 200 كۈمۈش تەڭگىنى ئايرىپ، قۇيمىچىغا بىر ئويما ۋە بىر قۇيما بۇت ياسىتىپ، ئۇلارنى مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدى.
بۇ موزاي بۇتنى ئىسرائىلىيەلىك ئۇستىلار ياسىغان، ئۇ ئىلاھ ئەمەستۇر. سامارىيەدە چوقۇنۇلغان بۇ بۇت پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.
بۇتلارنى ياسىغانلار، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.
ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتۇر يات ئەللەرنىڭ بۇتلىرى، ياسىغاندۇر ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ قوللىرى.
ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى، ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىگە، يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇندى.
ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.
ئۇلار شاراب ئىچىشىۋاتقاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلەشتى.