17 يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.
ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.
ئارىئېل بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭ سېپىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، خەلقىگە ئازاب سالغان بارلىق دۆلەتلەر خۇددى كېچىدىكى چۈشتەكلا غايىب بولىدۇ!
ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن.
لىچىنكىدەك ئادەمنى، قۇرتتەك ئىنساننى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن!»
ئاجىز بەندىگە ئىشىنىشتىن ۋاز كەچكىن. ئۇ نېمىتتى؟ ئۇ نەپسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ، خالاس.
تايانما زومىگەرلىككە، ئۈمىد باغلىما بۇلاڭچىلىققا. ئەگەردە بايلىقىڭ ئاۋۇسا، كۆڭۈل بەرمە ئۇنىڭغا.
سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايسەن، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيسەن. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن.»