13 كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارغا مەسلىھەت كۆرسىتەلەيدۇ؟
مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى كىم بىلەلىسۇن؟ ئۇنىڭغا كىم يول كۆرسىتەلىسۇن؟» لېكىن، بىز بولساق خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئوي-پىكرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭكىگە ئوخشاشتۇر.
«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكرىنى چۈشەنسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولالىسۇن؟
خۇدا ئەرشتىكى ئۇلۇغلارنىمۇ سوراققا تارتالايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇنىڭغا بىلىم بېرەلىسۇن؟
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە: - ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى.
ھەممە ئىش خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىز ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن پىلانى بويىچە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەئەللۇق بولۇشقا تاللاندۇق.
بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ.
ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.
لېكىن مەن كۆردۈمكى، سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلار ھېچقانداق نەسىھەتلىك سۆزلەرنى قىلالمىدى، مەن ئۇلاردىن سوئال سورىسام، ھېچقايسىسى ماڭا جاۋاب بېرەلمىدى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ باققان؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، قۇلاق سالغان؟