6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلىرىڭ بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ.
خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، بابىل پادىشاھى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان ئىبادەتخانا ئۈچۈن ياساتقان ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتى.
مەن بۇ شەھەردىكى بارلىق بايلىقلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا بېرىمەن. مەن بارلىق مەھسۇلاتلار، قىممەتلىك نەرسىلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئولجا قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ.
ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.
بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى بارلىق بايلىقلارنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىرگە بابىلغا ئەكەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
ئۇلار كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇۋېلىپ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ.
بابىل پادىشاھى ھەرەمئاغىسى ئاشپىنازغا پەرمان چۈشۈرۈپ: «بابىلغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ياش يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوردىغا باشلاپ كىر.