5 يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا.
سامۇئىل سائۇلغا قاراپ: _ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى. _ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل.
يەشايا پەيغەمبەر يەنە: _ ئۇلار سېنىڭ ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا: _ ئۇلار ئوردامدىكى جىمى نەرسىنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.