9 يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىيا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى:
كۈچ-مادارىم پەرۋەردىگار سۆيىمەن سېنى.
خۇدا ئادەمنى يارىلاندۇرسا، يارىسىنى تاڭىدۇ، ئادەمنى زەخىملەندۈرسە، زەخىمىسىنى داۋالايدۇ.
پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار لاۋىيلارنى داۋۇت ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئاساف يازغان مۇناجاتلارنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە بۇيرۇدى. ئۇلار شادلانغان ھالدا مۇناجات ئوقۇشتى ۋە يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلىشتى.
بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.
«قارا، پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايىسىنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ سايىنى ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇيمەن.» شۇنىڭ بىلەن سايە ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلدى.
«مەن شۇنداق ئويلىغان: ‹تازا قىران چېغىمغا كەلگەندە، گۆرگە كىرىشىم كېرەكمىدى؟ قالغان ئۆمرۈم ئېلىپ كېتىلىشى كېرەكمىدى؟›