8 «قارا، پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايىسىنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ سايىنى ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇيمەن.» شۇنىڭ بىلەن سايە ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلدى.
پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى.
شۇ كۈنلەردە خىزكىيا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ ساقىيىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئالامەت كۆرسەتتى.
بىراق بابىلنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرگەن ئالامىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچىدى.
گىدئون: _ ئەگەر ئىلتىپاتىڭىزغا مۇيەسسەر بولىدىغان ئادەم مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ماڭا بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسىز.
_ مېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ قانچىلىك مۆجىزىلىك ئىش بولسىمۇ، سەن مەن پەرۋەردىگار خۇدادىن بېشارەت تىلە!
يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىيا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى: