22 شۇ چاغدا خىزكىيامۇ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى.
بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ: - كېسىلىڭدىن ساقايدىڭ. ئەمدى گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كېلىپ قالمىسۇن! - دېدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەردىن: «پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ساقايتالايدىغانلىقىنى ۋە ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمنى قانداق ئالامەت بىلەن ئىسپاتلايسەن؟» دەپ سورىغانىدى.
شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا: «بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.»
يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بېشارىتىدۇر:
ئۇ چاغلاردا، بالئاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان، پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا خەت ۋە سوۋغا-سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى.