15 ئەمما مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ ئۇ ماڭا نېمە دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى قىلدى. مەن ھاياتىمنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزىمەن، چۈنكى مېنىڭ قەلبىم كۆپ ئازاب چەككەن.
شۇڭا مەن ئۈنسىز تۇرالمايمەن، يۈرىكىمدىكى ھەسرەتلىرىمنى ئېيتىمەن، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكىمەن.
ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ھەر كۈنى ماتەملىك كىيىمى بىلەن يېتىپ قوپۇپ، غەمكىن يۈردى.
«ھاياتىمدىن بىزار بولدۇم، شىكايەتلىرىمنى ئوچۇق ئېيتىۋالاي، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكۈۋالاي.
- ھازىر كۆڭلۈم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائەتتىن قۇتقۇز!» دەيمۇ؟ ياق! مەن شۇ ۋاقىت-سائەتنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم.
بەزىلەر ئۆلگۈچە ئازاب بىلەن ياشايدۇ، بەختنىڭ تەمىنى ئەسلا تېتىپ باقمايدۇ.
ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق.
ئاندىن ئايال تاغقا چىقىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىۋالدى. گېخازى ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەت، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ، _ دېدى.
ئى ئىگەم! ئىسرائىللار دۈشمەندىن يېڭىلىپ، قېچىپ كەلدى. ئەمدى مەن نېمە دېيەلەيمەن؟
بەرگىن شارابنى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرغانلارغا، بەرگىن مەينى قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە!
مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر، سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ، چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.
مەن سۆيىمەن پەرۋەردىگارنى، چۈنكى ئۇ ئاڭلار نىدايىمنى، ئاڭلار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى.