Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 38:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 «مەن شۇنداق ئويلىغان: ‹تازا قىران چېغىمغا كەلگەندە، گۆرگە كىرىشىم كېرەكمىدى؟ قالغان ئۆمرۈم ئېلىپ كېتىلىشى كېرەكمىدى؟›

Gade chapit la Kopi




يەشايا 38:10
12 Referans Kwoze  

كۆڭلىمىزدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇق، دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان خۇداغىلا تايىنىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق.


يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئى خۇدا، جېنىمنى ئالما ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.


يېمەكلىكلەردىن بولۇپ بىزار، بېرىپ قالدى ئۆلۈم گىردابىغا ئۇلار.


ئى خۇدا، ھاياتىمنىڭ پەقەت بىر تىنىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغىن، كۆزلىرىم ئەمدى بەختنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.


پادىشاھ خىزكىيا ھاكىمىيەت تۇتقان شۇ مەزگىللەردە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا شۇنداق دەيدۇكى: تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن ئۆلىسەن، ساقىيالمايسەن، _ دېدى.


مەندە يەنە كۈتكۈدەك نېمە ماغدۇر بولسۇن؟ كەلگۈسۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانداق تاقەت بولسۇن؟


قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.


يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىيا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى:


چۆكۈپ كەتتىم دېڭىزدىكى تاغلارنىڭ ئاستىغا، چىقىش يوللىرى مەڭگۈگە ئېتىلگەن جايغا. لېكىن ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، قۇتقۇزۇۋالدىڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىن.


ئەي پەرۋەردىگارنىڭ تەقۋادارلىرى، سۆيۈڭلار ئۇنى، پەرۋەردىگار قوغدار ئۆزىگە سادىقلارنى، ئەمما قاتتىق جازالار ھاكاۋۇرلارنى.


دۇنيانى يارتقانتىڭ ئەلمىساقتا، ئاسمانمۇ بەرپا بولدى ئۆز قولۇڭدا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite